بلوگ ئۇقتۇرۇشى

ئەسسالام قېرىنداشلار ، بلوگىمىز يېڭىدىن قۇرۇلدى، ھەمدە بلوگىمىزنىڭ يازغۇچىلار ئەترىتى قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ! دەۋر بلوگى سىزنى ھەرۋاقىت قىزغىن قارىشى ئالىدۇ!!



10.1.09

Kim Iytalaydu By Seher Group--New Uyghur Music

Hemmini Oqush

7.1.09

★°∴☆.°°Uyghur (Taklimakandiki Qux).*.·★°∴☆.°°

Hemmini Oqush

25.11.08

"داڭلىق بلوگ قانداق تاۋلىنىدۇ"نىڭ رەسىملىكى سېخىمىسى ئىشلەندى

ئەلسۆي بلوگىدا تەرجىمە قىلىنىۋاتقان "داڭلىق بلوگ قانداق تاۋلىنىدۇ"نىڭ رەسىملىكى سېخىمىسى ئىشلەندى. كۈرۈپ بېقىڭلار، كۈرۈش جەريانىدا پىكىر-تەكلىپىڭلارنىڭ ئايىمىغايسىلەر.
بۇ يەردىن چوڭايتىلغان ھالىتىنى كۈرۈڭ .


Hemmini Oqush

24.11.08

دىققەت داڭلىق بلوگ قانداق تاۋلىنىدۇ تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىدى


يېقىندا نەشىرياتتىن چىققان بىر تور ساھەسىگە بۇلۇپمۇ بلوگ ساھەسىگە بىر قەدەر تەسىر كۆرسەتكەن تۇنجى بلوگ ھەققىدىكى بىلىملەر سېستىمىلىق سۆزلەنگەن "داڭلىق بلوگ قانداق تاۋلىنىدۇ" ناملىق كىتاب ئەلسۆي بلوگىدا تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز ئەلسۆي بلوگى http://alsoy.blogspot.com/ دا بولسۇن.
رەسىمنى چەكسىڭىز ئەسلى ئاپتۇرنىڭ بلوگىدىكى مۇشۇ كىتاب ھەققىدىكى يازمىسىغا كىرىسىز.
كىتابنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە (مۇندەرىجە)
تەۋسىيە سۆزى----شەخسىي بلوگ تور نامىغا تەسىر كۆرسەتكەندە
كىرىش سۆز(1) ----بلوگ ھاياتى چۈش ئەمەس
كىرىش سۆز(2)---ئۆزىڭىزنىڭ تور كىملىك كارتوچكىڭىزنى ياسىۋېلىڭ
كىرىش سۆز(3)---بلوگ ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەش
بىرىنچى باب بلوگ مۇقۇملاش (博客安家)
1-1. سىز بۇ داڭلىق بلوگگىر ياكى بلوگلارنى بىلەمسىز؟
1-2.بلوگ دېگەن نىمە؟
1-3.بلوگ روھى(ئەنئەنىسى)
1-4. قانداق كىشىلەر بلوگ يېزىشقا ماس كېلىدۇ؟
1-5.ئۆزىڭىزگە سەۋەب تېپىڭ، سىز نىمە ئۈچۈن بلوگ يازماقچى؟
1-6.بلوگ تەمىنلىگۈچى تور بەتلەرنىڭ تۈرى(بلوگ سۇپىسىنىڭ تۈرى)
1-7.BSP تەۋسىيىسى
1-8.سىز قانداق بلوگ يېزىشنى پىلانلاۋاتىسىز؟
1-9.ئۆزىڭىزنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان بلوگ سۇپىسىنى تاللاڭ(بلوگ تەمىنلىگۈچى تور بەت)
1-10.بلوگ سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارلىرى سىنىقى ھەققىدە مۇھىم نوقتا
ئىككىنچى باب بلوگ يېزىش
2-1.قانداق قىلغاندا سىزنىڭ بلوگىڭىزنى ئۆزگىچە قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ؟
2-2.بلوگ ئۇسلۇبى ۋە ئۇسلۇب لاھىيىلەش
2-3.يازمىلارنى تۈرگە ئايرىشتىكى سەنئەت
2-4.بلوگنىڭ يازما ئۇسلۇبى
2-5.قايسى سۆزلەر بلوگدا ئەڭ سەزگۈر نوقتا بۇلىدۇ؟
2-6.دائىم قوللىنىدىغان بلوگ يېزىش قۇرۇلمىسى
2-7.قەتئىي داۋاملاشتۇرغان، يۇقىرى سۈپەتلىك بلوگ مەزمۇنى بلوگ كۈرۈلۈش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى
2-8.قانداق قىلغاندا يۇقىرى سۈپەتلىك بلوگ يېزىپ چىققىلى بۇلىدۇ؟
2-9.يۇقىرى سۈپەتلىك بلوگقا قانداق تەلەپلەر قۇيىلىدۇ؟
ئۈچىنچى باب بلوگ ئۇمۇملاشتۇرۇش
3-1.ياخشى تور ئىسمى لاھىيىلەش
3-2.ياخشى(داڭلىق)بلوگ نامىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچى
3-3.ئۆزىڭىزنىڭ بلوگ ئىمزاسىنى لاھىيىلەڭ
3-4.بلوگ يېڭىلاش
3-5.بلوگ يازمىسىنىڭ يوللاش ۋاختى
3-6.بلوگ ئاچقۇچلۇق سۆزى لاھىيىلەش
3-7.يازما ئاچقۇچلۇق سۆزى لاھىيىلەش
3-8.WordPress نىڭ ئون چوڭ SE0 سەرخىللاشتۇرۇش تېخنىكىسى3-9.بلوگنىڭ ئۆز-ئارا قوزغاتقۇچ (互动性) نى كۆپەيتىش
3-10.دوستانە ئۇلىنىشنى ياخشى ئىشلەش
3-11.بلوگقا مۇشتىرە بۇلۇش
3-12.بلوگ توپ تارقىتىش3-13.بلوگ سۇپىسىنىڭ باش بەت تەۋسىيىسىگە كىرىش
3-14.بلوگ گىروھى
3-15.بلوگ ۋە مۇنازىرە بېتى
3-16.بلوگ مۇشتىرە قۇرالىدىن پايدىلىنىپ بلوگ ئۇمۇملاشتۇرۇش
3-17.بەيدۇدىن پايدىلىنىپ بلوگ ئۇمۇملاشتۇرۇش
3-18.Goosle دىن پايدىلىنىپ بلوگ ئۇمۇملاشتۇرۇش
3-19.Twitter دىن پايدىلىنىپ بلوگ ئۇمۇملاشتۇرۇش
3-20.IM تىجارىتى (营销)
3-21.قۇشۇمچە تىجارەت
.............................................
تۆتىنچى باب بلوگ قۇرالى

قۇشۇمچە ئالدىراش كىشىلەرنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇشى(QQ پاراڭلىشىش، ئەسلى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش)

ئاخىرقى سۆز
بۇ كىتابنىڭ ئاپتۇرلىرىنىڭ بلوگ ئادىرىسى :
http://blog.vsharing.com/qsxiao
http://www.williamlong.info/بۇ كىتابقا مۇناسىۋەتلىك ئاپتۇرنىڭ يازمىسى :
http://blog.vsharing.com/qsxiao/A769421.html#cmt

بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىشىم، مەن تەرجىمە داۋامىدا پۇتۇنلەي ئوكيانۇس لوغىتىنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىدىن ۋە ئۆزۈمنىڭ ئادەتتە ئۆگەنگەن سەۋىيەمگە تاياندىم شۇڭا تۇنجى قېتىملىق تەرجىمىنىڭ ئۆلچەملىك چىقىشى ۋە ھەممە ئادەمنى رازى قىلالىشى ناتايىن، شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىت تەكلىپلىرىنى بىرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.ھۆمەت بىلەن ------ ئازغۇن
ئەلسۆي بلوگىhttp://alsoy.blogspot.com

Hemmini Oqush

23.11.08

داڭلىق بلوگ قانداق تاللىنىدۇ (1)

داڭلىق بلوگ قانداق تاللىنىدۇ (1)


بىرىنچى بۈلۈم
بلوگ مۇقۇملاش (博客安家 )

بىرىنچى باب
بلوگ مۇقۇملاش (博客安家 ) (1)
1 -1.سىز بۇ داڭلىق بلوگگىر ۋە بلوگلارنى بىلەمسىز؟
داڭلىق بلوگ 牛博 دېگەن نىمە؟
بۇ ئەڭ ياخشى دەۋر شۇنداقلا ئەڭ ناچار دەۋر....... بۇ بىر داڭلىق بلوگگىر ۋە داڭلىق بلوگلار بارلىققا كېلىدىغان دەۋر......تور دۇنياسىدا داڭلىق بلوگ چىقىدۇ، يۇقارقىدەك سۆزلەر ئادەمنى تازا ئاۋارە قىلىدۇ مۇغۇ كۈنلەردە.
خۇددى خۇجامنىڭ خۇجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئۇرىسى دېگەندەك، داڭلىق ئىچىدە داڭلىقى بار، ئەڭ داڭلىق يوق، بەلكى داڭلىقراقى بار. سىزنىڭ داڭلىق بلوگ قۇرۇش ئىستىكىڭىز بولمىسىمۇ بۇلىدۇ، بىراق سىز بۇ داڭلىق بلوگلارنى تۇنۇمىسىڭىز بولمايدۇ.
تۆۋەندىكى داڭلىق بلوگلارنىڭ رەت تەرتىپى ئالدى-كەينى دەپ پەرقلەنمەيدۇ، پەقەت يازما ئاز-كۆپلىكى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. بارلىق داڭلىق بلوگلارنى بىراقلار يېزىپ ئولتۇرۇشقا پۇرسەت يار بەرمەيدۇ. شۇڭا ئەگەر باشقا داڭلىق بلوگگىلار بۇ يەردە ئۆزىنىڭ داڭلىق بلوگلىرى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىغان بولسا كەڭ بلوگگىلارنىڭ ئارتۇقچە ئاغرىنىپ يۈرمەسلىكىنى سورايمىز. ئەگەر راستىنلا شۇنداق ئەھۋال بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز ھەم 2-قېتىملىق باسمىدا تۈزىتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
داڭلىق بلوگگىرلار
1. دېلاجى (德拉吉)
ئۆز ۋاختىدا كېلىنتوننىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى بىرىنچى بۇلۇپ ئېچىپ تاشلىغان شۇنىڭ بىلەن قاتتىق تەسىر قوزغىغان ھەمدە بىرىنچى جامائەت پىكىرى يول باشچىسى بۇلۇپ قالغان. دېلاجى(بۇ يەردە خەنزۇچە تەلەپپۇزى بۇيىچە تەرجىمە قىلىندى---تەرجىمە قىلغۇچى-ئازغۇندىن) نىڭ بلوگى بىراقلا نام چىقىرىپ تا ھازىرغا قەدەر ئۇچۇر دېڭىزىدىكى يولباشچى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ بلوگىنىڭ ھەر كۈنلۈك كۈرۈلۈش قېتىم سانى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 10000000 قېتىمغا يىتىدۇ. مۇشۇ سان بىلەن ئۇنىڭ بلوگى پۇتۇن دۇنيادا ئالدىنقى 300 داڭلىق تور بەت قاتارىغا كىرگەن.
ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بۇ بلوگ تا ھازىرغىچە بىرلا ئادەمنىڭ ۋاستىسى 媒体 بۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ. يەنى رىياسەتچى -- مەيتې دېلاجى(بۇ يەردە خەنزۇچە تەلەپپۇزى بۇيىچە تەرجىمە قىلىندى---تەرجىمە قىلغۇچى-ئازغۇندىن) دىن ئىبارەت.
شۇ ناھايىتى كۇلۇمبىيە تارقىتىش شىركىتى قارمىقىدىكى تارماق شىركەت سوۋغا-سالام بۇيۇملىرى ماگزىنىنىڭ خۇجايىنى خالاس. تارقىتىش ساھەسى 传播史 دە باشقىلار تەرىپىدىن "دېلاجى ھادىسىسى" دەپ ئاتالماقتا.
2.شۈ جىڭ لېي(徐静蕾)
جۇڭگۇ ئاياللار ئۇششاق بۇرژىئازىيە(بۇ يەردە ئوكيانۇس لوغىتىنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىدىن پايدىلىنىلدى----تەرجىمە قىلغۇچى--ئازغۇندىن) بىرىنچى ئەۋلاد، ئۇماق ئۇششاق بۇرژىئازىيە ئىستىداتقا يۇلۇقتى، ئىستىدات ئىگىسىنىڭ شەپكىسى چۇشۇپ كېتەلمەيدىغان بولدى. بىز كىچىڭ شۇ نىڭ ئۆزىنى "چوڭ شۇ" دەپ ئاتىۋالغىنىغا قاراپ باقايلى، كىچىك ئىشتىن ئىش باشلاپ ئەڭ ئاخىرى كىتاپ چىقىرىش ئاخىرى ئېلژورنال(ئېلكتىرونلۇق ژورنال) چىقىرىپ "يۇمران گۈل كەنتى"(鲜花村) نى بەرپا قىلىش، بۇنداق توختىماستىن يېزىش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس، دەل مۇشۇ خىل داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنىڭ تۈركىسىدە ھازىر ئۇنىڭ بلوگى جۇڭگۇدىكى كۈرۈلۈش قېتىم سانى مىلىيۇندىن ئېشىپ كەتكەن 1-ئادەم بۇلۇپ قالدى.
بىراق چوڭ شۇ ھەقىقەتەن كىلىشكەن، كىنودا رول ئېلىشىمۇ ھەقىقەتەن ياخشى، بلوگنىمۇ كارامەت يېزىپ قۇيىدۇ. يازغان كىتاپ ياخشى سېتىلمايدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ چۈنكى مەزمۇن سىرلىقلىقىنى يۇقىتىپ قويغان كىتاب ياخشى سېتىلماسمىش.

3.ۋاڭ شىياۋ فىڭ (王小峰)
ئۇنىڭ بلوگى"ئەسلەشكە رۇخسەت يوق" 不许联想 چۈنكى ئۇنىڭ ماقالىلىرى دائىم سىزنى بەزى ئەسلەشكە تىگىشلىك بولمىغان نەرسىلەرنى ئەسلەشكە ئۇندەيدۇ. ئۇنىڭ تور نامى 带三个表 تورداشلار ئۇنى 三表哥 دەپ نام قۇيىۋالغان. سىز نىمىنى ئەسلەپ كەتتىڭىز؟ ئەسلەشكە بولمايدۇ دەپ تۇرساق يەنە باشقا نەرسىلەرنى ئەسلىسىڭىز بۇ سىزدىكى مەسىلە ھەرگىزمۇ بىزدىكى مەسىلە ئەمەس.
ئۇنىڭ ئۆزىنى چۈشەندۇرۇشىگە قاراپ باقايلى، مىنىڭ فامىلەم قوش فامىلە ۋاڭ شىياۋ يەنى 王小 ، تۇلۇق ئىسمىم ۋاڭ شىياۋ فېڭ، ھازىر "ئۈچ ئەسلىمە تۇرمۇش ژورنىلى" 三联生活周刊 نىڭ مۇخبىرى بۇلۇپ ئىشلەۋاتىمەن. سىزنىڭ "ئۈچ ئەسلىمە تۇرمۇش ژورنىلى" 三联生活周刊 غا مۇشتىرە بۇلىشىڭىزنى قارىشى ئالىمەن. ھەر سان 10 يۈەن. بلوگىمدىكى ماتىرىياللارنى زىيارەت قىلىشىڭىزنى قارىشى ئالىمەن، بىراق ئىنكاس قالدۇرماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. سودا تورلىرى، قەغەز ۋاستىلىرى(گېزىت، ژورنال قاتارلىقلار) ئىشلەتمەكچى بولسا چۇقۇم مىنىڭ ماقۇللىقىمنى ئېلىشى ھەم قەلەم ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. سودا تورلىرى بولمىغان تور بەتلەر، تارقىتىش ۋاستىلىرى ئىختىيارى كۆچۈرۈپ ئىشلەتسە بۇلىدۇ قەلەم ھەققى تاپشۇرۇش ھاجەتسىز، بىراق چۇقۇم مەنبەنى ئەسكەرتىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا مەن تېلىۋېزۇرغا چىقمايمەن، سودا يۇمشاق مەدىنىيەت ماقلىلىرىنى يازمايمەن، شۇڭا يۇقارقىدەك نىيەتتە بولغۇچىلار مىنى ئاۋارە قىلماڭ.
يۇقىرىدا بىز سۆلەپ ئۆتكەن چوڭ شۇ نىڭ كىتابلىرىنى ياخشى ساتالماسلىقتىكى"ئاڭلاشلارغا قارىغاندا" بىلەن قارىمۇ قارىشى، ۋاڭ شىياۋ فېڭ بلوگقا يېزىپ قالدۇرغاندىن كىيىن، ئەكسىچە كىتاب چىقارغاندا ئالاھىدە ياخشى سېتىلدى. قارىغاندا بۇ"ئاڭلاشلارغا قارىغاندا"مۇ ئەر-ئاياللارغا قاراپ ئوخشاش بولمايدىغان ئوخشايدۇ.

4.لاۋ لو(老罗)
ھېلىقى يېڭى شەرق تەربىيىلەش مەركىزىدىكى لاۋ لو مۇھاكىمە ۋە باياندىن ئۇزۇندە 老罗语录 نى تېپىپ چىققان بىرسى. ئۇنىڭدىكى ئەڭ داڭلىق بىر جۈملە سۆز"يولۋاستەك جەسۇرلۇقنى چۈشەندۇرۇش ھاجەتىسز."
5. خې سەي توۋ(和菜头)
"خې سەي توۋ، ئاق تەنلىك، داڭلىق تور ئادىمى 网人 . ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى---تۇ سى (سۇلالە تەرىپىدىن ئازسانلىق مىللەت رايۇنىدىكى يۇرت كاتتىلىرىغا بېرىلگەن ئەمەل) بۇلۇش (چاخچاق)، كۇنمىڭنىڭ ۈەربىنىڭ ھەممىسىنى باشقۇرۇش(ئۇخلاپ چۇش كۈرۈش). ھاراقكەش، بۇرۇن پۇتۇن يۇك-تاقىنى ئايرۇدۇرۇمدا يۇتتۇرۇپ قۇيۇپ، پەقەت بىر يەشىك ۋۇ لىياڭ يې五粮液 ھارىقىنى كۈتۈرۇپ بېيجىڭغا بارغان. ھازىر "جەنۇبى شەھەر گېزىتى" دا مەخسۇس سەھىپىسى بار. ئۆزگىچە ئىستىداتى بىلەن تور دۇنياسىدا 7 يىل يۈرگەن، ئۇدا تورداشلارنىڭ كۆڭۈلنى ئېچىشنى مەخسەت قىلغان ھالدا تىرىشىۋاتىدۇ."
يۇقىرىدا توردىكى تۇنۇشتۇرۇش نەقىل قىلىندى، خې سەي توۋ نىڭ 《槽边往事》دا بىر كۆرگەن ئادەمنىڭ تاماقنى پۇرقىرىتىۋەتكۈسىنى كەلتۇرگىدەك تەسۋىر بار ئىدى، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىدى. ئىشقىلىپ سىز كۆرمەكچى بولسىڭىز "بىر گۈزەل بىراق ھەسرەتلىك بىر سىېمىز"نىڭ سىماسى سىزنىڭ مېڭىڭىزدە ھاسىل بۇلىدۇ.


ئەسلى ئەسەر (خەنزۇچىسى) : http://oychan.blogspot.com/2008/11/blog-post_22.html

بۇ كىتابنىڭ ئاپتۇرلىرىنىڭ بلوگ ئادىرىسى :
http://blog.vsharing.com/qsxiao
http://blog.vsharing.com/lunawang
http://www.williamlong.info/
بۇ كىتابقا مۇناسىۋەتلىك ئاپتۇرنىڭ يازمىسى :

بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىشىم، مەن تەرجىمە داۋامىدا پۇتۇنلەي ئوكيانۇس لوغىتىنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىدىن ۋە ئۆزۈمنىڭ ئادەتتە ئۆگەنگەن سەۋىيەمگە تاياندىم شۇڭا تۇنجى قېتىملىق تەرجىمىنىڭ ئۆلچەملىك چىقىشى ۋە ھەممە ئادەمنى رازى قىلالىشى ناتايىن، شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىت تەكلىپلىرىنى بىرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
ھۆمەت بىلەن ------ ئازغۇن

Hemmini Oqush

20.11.08

سىز بۇ تور بەتتىن قانداق پايدىلىنىۋاتىسىز؟

سىز بۇ تور بەتتىن قانداق پايدىلىنىۋاتىسىز؟
بىز ئالدىنقى قېتىم مۇنۇ يازمىلار http://dewir.blogbus.com/logs/30913637.html http://dewir.blogbus.com/logs/30969381.html ئارقىلىق ھەرقايسى بلوگ يازغۇچىلىرى ئۈچۈن بىر خوش خەۋەر يەتكۈزگەن ئىدۇق، بۈگۈن بۇ توبەتنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكىنى بايقاپ قالدىم، قېنى ئەمىسە تۆۋەندىكى يازمىنى كۈرۈپ بېقىڭ.
ئاۋۋال چۈشىنىكسىز خەنزۇچە تېكىسىتنى كىرگۈزۈپ يوللاش كونۇپكىسىنى باسىمىز .
كىيىنكى بەتتە بىز كىرگۈزگەن تېكىسىت كۆرۈنىدۇ ، مەنىسىنى بىلمىگەن خەتنى ، سۆزنى تاللىساق بىر رامكا پەيدا بولۇپ مەنىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ . بەك ئاددىي ، رەسىمگە قاراڭ.








Hemmini Oqush

بلوگگېر(بلوگ سپوت) تىما يازغۇچىلىرىغا خوش-خەۋەر

بلوگگېر(بلوگ سپوت) تىما يازغۇچىلىرىغا خوش-خەۋەر
ئادەم مەلۇم مەسىلە ئۈستىدە ئىزدەنسە شۇ نەرسىگە ھامان جاۋاب تاپالايدىكەن . بۈگۈن مەن كەڭ بلوگگېر(بلوگ سپوت) تىما يازغۇچىلىرىغا مۇنداق بىر ياخشى ئۇچۇر يەتكۈزمەكچى . ھەممىمىزگە ئايان بلوگگېر(بلوگ سپوت) بلوگىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولىغانلىقى بايقالغاندىن باشلاپ ناھايىتى ياخشى بلوگىرلار ۋە بلوگلار بارلىققا كەلدى ھەم بىزنى ھەرخىل نادىر بىلىملەر بىلەن تەمىن ئېتىپ كەلدى . ئەلۋەتتە دەۋر بلوگىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس .
كۆپچىلىككە ئايان ، بىز گەرچە بلوگگېر(بلوگ سپوت)نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بىلەن پەقەت ئۇنىڭ ئالدى سۇپىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇق خالاس ، لېكىن ئارقا سۇپا يەنىلا خەنزۇچە ، خەنزۇچە بولسىغۇ ھېچقىسى يوق لېكىن بىز بلوگگېر(بلوگ سپوت)قا بىۋاستە ئۇيغۇرچە يازغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىمىز ، ھەم بىز يازمىمىزنى باشقا جايدا تەھرىرلىۋېلىپ ئاندىن بلوگگېر(بلوگ سپوت)قا يوللايمىز . ئەمما بىزگە كۆڭۈلدىكىدەك بىر تەھرىرلەش بېتىنىڭ بولمىقى بەكمۇ مۇھىم . كۆپچىلىك بەلكىم مەن بۇرۇنقى يازمامدا تىلغا ئالغان يۇلغۇن تور يۈزى تەھرىرلىگۈچىنى ئىشلىتىشى مۇمكىن لېكىن بۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ بىر كەمچىلىكى eot يوق ، يەنى بىزنىڭ كومپىيوتىرىمىزدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلاقسىز بولسا نورمال كۇرۈنمەيدۇ . يەنى تەھرىرلەش ئىختىدارى ئادەمنى تۇلۇق رازى قىلىپ كېتەلمەيدۇ .
ئۆزىمىزنىڭ شەخسىي كومپىيوتىرى بولسىغۇ ياخشى خەت نۇسخىسىنى بىر قېتىم قاچىلاپ قۇيۇپ ئىشلەتسەك بۇلىدۇ لېكىن بىز تورخاندا بولساق تور خانىدىكى ئاشۇ كومپىيوتىرلارغا خەت نۇسخىسى قاچىلاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئاۋارىچىلىق . بۇنى زادى يېڭىشنىڭ ئامالى يوقمۇ ؟
بار ، مەن سىزگە ئېيتماقچى بولغان خوش-خەۋەر دەل مۇشنى ھەل قىلىدىغان خوش-خەۋەردۇر .
سىز مۇنۇ تەھرىرلىگۈچ http://www.uyasp.net/loghet/Default.asp نى ئىشلەتسىڭىز يۇقارقى بار ئاغرىقلاردىن خالىي بۇلالايسىز . ھەم بۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىقتىدارى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ .
تۆۋەندە بۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرىدىن تاللانما سۈرەتلەر بېرىلدى .

Hemmini Oqush

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل- يېزىق خىزمىتى نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل- يېزىق خىزمىتى نىزامى
1993- يىل 9- ئاينىڭ 25- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 -نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4- يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002- يىل 9- ئاينىڭ 20- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30 -يىغىنىنىڭ «<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل- يېزىق خىزمىتى نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار» ىغا ئاساسەن تۈزىتىلدى
1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1-ماددا بۇ نىزام مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەن- مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى »، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇنى» ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن -نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى .2- ماددا تىل- يېزىق خىزمىتىدە مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقى باراۋەر بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل- يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۆز ئارا ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، تىل- يېزىقنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شەرت . 3- ماددا مىللەتلەرنىڭ تىل -يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى، قۇرۇلۇشى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتى كۈچەيتىلىدۇ، مىللەتلەر تىل- يېزىقىنىڭ قېلىپلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزىقنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، تىلنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، شۇ مىللەتتىكى كۆپ سانلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق، سالماقلىق بىلەن ئىش كۆرۈش كېرەك . 4- ماددا يېزىقى ياكى ئورتاق قوللىنىدىغان يېزىقى يوق مىللەتنىڭ يېزىق مەسىلىسىنى شى مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولۇش، ئىختىيارىي تاللاش پرىنسىپى بويىچە، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. باشقا مىللەتنىڭ يېزىقىنى قوللانغان مىللەتنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش لازىم. 5- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ تىل - يېزىق خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاپتونوم رايوننىڭ تىل- يېزىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست (ۋىلايەت)، شەھەرنىڭ تىل- يېزىق باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تىل- يېزىق باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تىل- يېزىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ .6- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى تىل- يېزىق باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تىل - يېزىق خىزمىتىدە گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ .
2- باب تىل - يېزىقنى قوللىنىش ۋە باشقۇرۇش7- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتونومىيە ئورگىنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا ئۇيغۇر تىل - يېزىقى بىلەن خەنزۇ تىل- يېزىقىنى تەڭ قوللىنىدۇ؛ باشقا مىللەتنىڭ تىل- يېزىقىنى ئېھتىياجىغا قاراپ تەڭ قوللانسىمۇ بولىدۇ؛ ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە ئورگىنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا ئاپتونوم رايوندا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئۇيغۇر تىل- يېزىق بىلەن خەنزۇ تىل- يېزىقىنى قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل- يېزىقىنى قوللىنىدۇ، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان باشقا مىللەتنىڭ تىل- يېزىقىنى ئېھتىياجىغا قاراپ تەڭ قوللانسىمۇ بولىدۇ؛ بىر نەچچە خىل تىل- يېزىقنى تەڭ قوللىنىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل- يېزىقى ئاساس قىلىنسا بولىدۇ.8- ماددا ئورگان، تەشكىلات ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تامغىسى، ۋىۋىسكىسى، كېنىشكىسىدە ۋە ئورۇن نامى بېسىلغان كونۋېرتتا، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يۇقىرىغا يوللىنىلىدىغان، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدىغان ھۆججەت- ئالاقىلەردە قېلىپلاشقان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك. تارقىتىلىدىغان ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى ۋە تەشۋىقات بۇيۇملىرىدا شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل يېزىق ياكى ياكى بىر قانچە خىل يېزىقنى ئېھتىياجغا قاراپ قوللىنىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشتا، خەتنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ماسلاشقان بولۇشى، رەت تەرتىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولۇشى كېرەك .9- ماددا جامائەت سورۇنى، جامائەت ئەسلىھەسى ۋە جامائەت مۇلازىملىقىدا يېزىق قوللىنىلىدىغانلىكى نام تاختىسى، جامائەت پاراۋانلىق ئېلانى، چېگرا تاختىسى، يول بەلگىسى، قاتناش بەلگىسى ۋە ئاپتوموبىللارغا يېزىلىدىغان ئورۇن نامى، بىخەتەرلىك شوئارى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەنگەن ھەمدە سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ نامى، چۈشەندۈرمىسى قاتارلىقلاردا قېلىپلاشقان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك . 10- ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار يىغىن ئاچقاندا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل تىل- يېزىق قوللىنىلىدۇ. مۇھىم يىغىنلارنىڭ پلاكاتىدا ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك.11- ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئوقۇغۇچى، ئىشچى، كادىر ئېلىش ۋە تېخنىكا ئىمتىھانى ئېلىش، كەسپىي ئۇنۋان باھالاش، دەرىجە ئۆستۈرۈشتە، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى بىلەن خەنزۇ تىل- يېزىقىنى تەڭ ياكى ئايرىم قوللىنىشى شەرت، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ياكى ئىمتىھان ئالغۇچىلار ئۆزى خالىغان بىر خىل تىل- يېزىقنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. دۆلەت ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.12- ماددا ھەر مىللەت پۇقرالىرى دەۋا ئىشلىرىدا ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقىنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق. خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا دېلونى سوت قىلىش ۋە تەپتىش قىلىشتا، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل- يېزىقنى قوللىنىشى، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل- يېزىقنى بىلمەيدىغان دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى لازىم. قانۇن ھۆججەتلىرىدە شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل يېزىقنى ئېھتىياجىغا قاراپ قوللىنىش كېرەك .13- ماددا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى ھەر مىللەت پۇقرالىرىدىن كەلگەن خەت- چەكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ياكى ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىشتا، ئەرزىيەتچىلەر پىششىق بىلىدىغان تىل- يېزىقتا جاۋاب بېرىشى ۋە مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشى ياكى تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى لازىم. ئۇلارنىڭ خادىملىرى ئۆزى پىششىق بىلمەيدىغان يېزىقتىكى خەت، ئالاقە، تەستىق ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى، بېسىپ قويماسلىقى ياكى كېچىكتۈرمەسلىكى لازىم . 14- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدىكى مائارىپ، نەشرىيات، رادىئو، كىنو- تېلېۋىزىيە ئىشلىرى، قەدىمىي كىتابلارنى رەتلەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشى لازىم. ئوقۇتۇش، رادىئو، سەنئەت نومۇرلىرى، دەرسلىك، گېزىت- ژۇرنال، كىتاب، كىنو- تېلېۋىزىيىدە قېلىپلاشقان تىل- يېزىقنى قوللىنىش شەرت .15- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت پەن- تېخنىكا خادىملىرى، ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات، كەشپىيات- ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىلمىي ماقالە، ئەسەر يېزىش، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئويۇن قويۇشتا ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقىنى قوللىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك . 16- ماددا پوچتا، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى پوچتا يوللانمىلىرىنى قوبۇل قىلىش، يوللاش ۋە كرېدىت، پۇل ئامانىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى لازىم .

3- باب تىل- يېزىق ئۆگىنىش ۋە تەرجىمە خىزمىتى17- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەرگە تىل- يېزىقنى ئۆز ئارا ئۆگىنىش ھەققىدە تەربىيە ۋە ئىلھام بېرىشى كېرەك. خەنزۇ كادىرلار شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشى كېرەك، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك.18- ماددا ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقى ھەققىدىكى ئاساسىي مائارىپىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىپ، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى ئوبدان يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە تەدرىجىي ھالدا ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنىمۇ، خەنزۇ تىلىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان قىلىشى كېرەك. شارائىتى بار جايلار بۇرۇنراق تەسىس قىلسىمۇ بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملار ئاز سانلىق مىللەت تىلى بىلەن خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ، قوش تىللىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك .19- ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدىكى دەرس مۇۋاپىق تەسىس قىلىنسا بولىدۇ .20- ماددا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇسا بولىدۇ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دەرس ئوقۇسا بولىدۇ. مەكتەپلەر ئۇلارنى قوللىشى ۋە قوبۇل قىلىشى كېرەك.21- ماددا سودا، پوچتا- تېلېگراف، قاتناش، سەھىيە، پۇل مۇئامىلە، باج، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى خادىملارغا ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە خەنزۇ تىلىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنى شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىلنى ئىگىلەپ ۋە قوللىنىپ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىغا خىزمەت قىلىدىغان قىلىشى كېرەك . 22- ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى تەرجىمە خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشى شەرت.23- ماددا ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى كىتابلار ۋە خەنزۇ يېزىقى، چەت ئەل يېزىقىدىكى كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن- تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك .24- ماددا ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى خىزمەت تىلى قىلىدىغان دىكتور، رىياسەتچى، كىنو، تېلېۋىزىيە، تىياتىر ئارتىسى، ئوقۇتقۇچى، مۇھەررىر، تەرجىمان قاتارلىق ئالاقىدار خادىملار ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن تىل دەرىجە ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك، ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىرىنى تەربىيىلەش كېرەك. 25- ماددا تىل- يېزىق مەسئۇل تارمىقى ۋە مائارىپ تارمىقى ھەرخىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى تەرجىمانلىرى، مۇھەررىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى، پەن تەتقىقاتچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈشى كېرەك.26- ماددا ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى تەرجىمانلىرى كەسپىي تېخنىكا خادىم ھېسابلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانى بېرىلىدۇ، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ .
4- باب تىل - يېزىقنى ئىلمىي تەتقىق قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش27- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ تىل- يېزىق مەسئۇل تارمىقى ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى توغرىسىدىكى ئاساسىي نەزەرىيە، ئەمەلىي نەزەرىيە ئىلمىي تەتقىقاتى ۋە تىل- يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىلمىي تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشى، ئاز سانلىق مىللەت تىلىنىڭ ئەدەبىي تىل ئۆلچىمى، ئىملا قائىدىسى ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى قاتارلىقلارغا ئائىت بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش، بېكىتىش كومىتېتى ھەرخىل تىل، پەن، كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، كەسپىي گۇرۇپپىلارنى قۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى تەتقىق قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ .28- ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئاپتونوم رايوننىڭ تىل- يېزىق مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ھەم ئېلان قىلغان ئىملا قائىدىسى، تەلەپپۇز قائىدىسى، ئاتالغۇ، ئادەم ئىسمى ۋە يەر نامى قاتارلىقلارنى قوللىنىشى، تىل- يېزىققا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشى شەرت. ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئادەم ئىسمى، يەر نامىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.29- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇانى ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىشتا، دۆلەت ئېلان قىلغان ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەت، ئورتاق قوللىنىلىدىغان خەت جەدۋىلىنى ۋە رەتلەنگەن باشقىچە خەت، ۋارىيانت سۆز جەدۋىلىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك .مۇرەككەپ خەتلەرنى كەلسە- كەلمەس قوللىنىشقا ۋە ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەتنى قالايمىقان ياساشقا بولمايدۇ .
5- باب قانۇن جاۋابكارلىقى30- ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئورگان، تەشكىلات، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تامغىسى، ۋىۋىسكىسى كىنىشكىسىدە ۋە ئورۇن نامى بېسىلغان كونۋېرتتا قېلىپلاشقان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى، خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللانمىغان ياكى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى، خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشتا خەتنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ماسلاشتۇرمىغان، خەتنى قېلىپلاشتۇرمىغان، شۇنىڭدەك رەت تەرتىپىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى، تىل- يېزىق خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ .31- ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جامائەت سورۇنى، جامائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ نام تاختىسى، يېزىق قوللىنىلىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئېلانى، چېگرا تاختىسى، يول بەلگىسى، قاتناش بەلگىلىرىدە قېلىپلاشقان ئاز سانلىق مىللەت يېزىق بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللانمىغانلارنى تىل -يېزىق خىزمىتى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاگاھلاندۇرىدۇ ھەمدە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ .32- ماددا ئالاقىدارلاردىن مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ .
6- باب قوشۇمچە پرىنسىپ33- ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغاندىن كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ .

Hemmini Oqush

سىز قانداق تېلىفۇن ئىشلىتىۋاتىسىز ؟

ھەممىمىزگە مەلۇم ھازىر تېلىفۇن ئىشلىتىش كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر مەھسۇلات 必需品 بۇلۇپ قالدى . بىراق تېلىفۇننىڭ كۈدىلىك تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ شۇنچە تىز بۇلۇشىغا نىسبەتەن تېلىفۇندىن قانداق قىلغاندا ھەقىقىي تۈردە پايدىلىنىپ ، شۇنچە كۆپ پۇل خەجلەپ ئالغان تېلىفۇنىمىزنى تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن ھەقىقىي خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە بۇلۇپ قالدى . ھازىر كۆپ قېرىنداشلار تېلىفۇن سېتىۋالغاندا قىممەتلىكىگە قارىماي تېلىفۇننىڭ ئەڭ نوچىسى Nokia ماركىلىق تېلىفۇنلارنى تاللايدۇ بۇلۇپمۇ ھازىر N72 ، N73 قاتارلىق بىر يۇرۈش ئەقلىي ئېدراكلىق 智能手机 تېلىفۇنلار كىشىلەرنىڭ شۇنداقلا كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان تاللاش ئوبيىكتى بۇلۇپ قالدى .
لېكىن كۆپچىلىككە ئايان ئاشۇ تېلىفۇننىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان Nokia ماركىلىق تېلىفۇنلارنى ئىشلىتىش ، ھەقىقىي تۈردە نورمال ، ئىقتىدارىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ئىشلىتىشنى بىلىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ، چۈنكى بۇ تۈردىكى بۇلۇپمۇ N72 ، N73 قاتارلىق بىر يۇرۈش ئەقلىي ئېدراكلىق 智能手机 تېلىفۇنلار ئىقتىدار جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ بەك ئىلغار بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىدىن تۇلۇق پايدىلىنىش مەقسىتىگە يېتىش ھەقىقىتەنمۇ بەك تەس ، بۇلۇپمۇ دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىسى يىتەرلىك بومىغانلىقتىن بۇ خىل تېلىفۇننى سېتىۋالغۇچىلار گەرچە كۆپ بولسىمۇ لېكىن نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز پەقەت تېلىفۇن قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ تېلىفۇنىنى قۇبۇل قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق پايدىلىنالمايۋاتىدۇ . ( مەن بۇنى بۇيىل يۇرتقا قايتقاندا ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن .)
بىز دەل مۇشۇ خىل ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ مەخسۇس Nokia ماركىلىق تېلىفۇنلارنىڭ N72 ، N73 قاتارلىق بىر يۇرۈش ئەقلىي ئېدراكلىق 智能手机 تېلىفۇنلارنىڭ ئىقتىدارلىرىنى بىر-ئاز بولسىمۇ تەپسىلي تۇنۇشتۇرۇش ھەققىدە ئىزدىنىپ ، ئاخىرى N72 ، N73 قاتارلىق بىر يۇرۈش ئەقلىي ئېدراكلىق 智能手机 تېلىفۇنلارنى ئىشلىتىشتە بىر قەدەر مۇھىم دەپ قارالغان مەسىلىلەرنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قېرىنداشلارنىڭ قىممەت باھالىق تېلىفۇننى ئىشلىتىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بىرىش ئۈچۈن يوللىغان ئىدۇق ، بۇنىڭدىن كەڭ قېرىنداشلارنىڭ تۇلۇق بەھرىمان بۇلۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ قېتىم يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىش بىرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق .
ئەگەر سىز Nokia ماركىلىق تېلىفۇنلارنىڭ N72 ، N73 قاتارلىق بىر يۇرۈش ئەقلىي ئېدراكلىق 智能手机 تېلىفۇنلارنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز بۇ يازمىلار سىزگە ئاز تۇلا بولسىمۇ ياردىمى بۇلۇپ قالغۇسى . بۇ يازمىلار ئاساسلىقى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ چىققان Nokia ماركىلىق تېلىفۇنلارنىڭ N72 ، N73 قاتارلىق بىر يۇرۈش ئەقلىي ئېدراكلىق 智能手机 تېلىفۇنلارنى بىخەتەر ئىشلىتىش ھەققىدىكى چۇقۇم بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەر ۋە ئۆز تەجرىبىلىرىمىزگە ئاساسەن يېزىپ چىققان Nokia ماركىلىق تېلىفۇنلارنىڭ N72 ، N73 قاتارلىق بىر يۇرۈش ئەقلىي ئېدراكلىق 智能手机 تېلىفۇنلاردا ئۇيغۇرچە ساپ تىكىست ھۆججىتىنى ئۇقۇش مەقسىتىگە يىتىش ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە قاتارلىقلار بار .
ئىشىنىمىزكى بۇ يازمىلار سىزگە مەلۇم دەرىجىدە مەنپەئەت ئېلىپ كەلگۈسى ( ئەلۋەتتە ، ئەگەر سىز خەنزۇچە سەۋىيە جەھەتتە بىزدىن يۇقىرى بولسىڭىز بۇ يازمىلار ئالدىڭىزدا پەقەت قۇرۇق پاراڭلار قاتارىدا بۇلۇشى مۇمكىن ، سىز بۇ يازمىلارغا دىققەت نەزىرىڭىزنى سالمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ، بۇ يازمىلار پەقەت خەنزۇچە سەۋىيىسى يىتەرلىك بولمىغان دىيارىمىزدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى كەڭ قېرىنداشلار ئۈچۈن تەييارلانغان يازمىلار خالاس ! )
تۆۋەندە يازما ئۇلانمىلىرى بىرىلدى ، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان يازمىغا كىرىپ پايدىلانغايسىز .
1. ئەقىلى ئىدراكلىق تېلىفۇندا دائىم كۈرۈلىدىغان مەسىلىلەر
2. NOKIA دا ئۇيغۇرچە TXT ھۆججىتىنى كۈرۈش ھەققىدە (1)
3. NOKIA دا ئۇيغۇرچە TXT ھۆججىتىنى كۈرۈش ھەققىدە (2)
4. NOKIA دا ئۇيغۇرچە TXT ھۆججىتىنى كۈرۈش ھەققىدە (3)
5. NOKIA دا ئۇيغۇرچە TXT ھۆججىتىنى كۈرۈش ھەققىدە (4)
6. NOKIA دا ئۇيغۇرچە WORD ھۆججىتىنى كۈرۈش ھەققىدە (1)
7. يانفۇن يۇمتاللىرى بىر يۈرۈش 2008
8. تېلىفۇنىڭىزنىڭ سۇرئىتى ئاستىلىشىپ تازا ئىچىڭىزنى پۇشۇرۇۋاتامدۇ ؟
9. NOKIA تېلىفۇن ئىشلىتىشتىن ساۋات (1)
10. NOKIA تېلىفۇن ئىشلىتىشتىن ساۋات (2)
11. NOKIA تېلىفۇن ئىشلىتىشتىن ساۋات (3)
12. NOKIA تېلىفۇن ئىشلىتىشتىن ساۋات (4)
13. NOKIA تېلىفۇن ئىشلىتىشتىن ساۋات (5)
14. NOKIA تېلىفۇن ئىشلىتىشتىن ساۋات (6)
15. NOKIA تېلىفۇن ئىشلىتىشتىن ساۋات (7)

Hemmini Oqush